باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى چىڭفىڭ: بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان كەسكىن ۋەزىيەتكە ياپونىيە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ

2012.12.27 18:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شى چىڭفىڭ 27-دېكابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو دېڭىز نازارەت قىلىش ئايروپىلانى شەرقىي دېڭىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە چارلاش ئۇچۇشتا ئاساسلىقى شەرقىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىي، شەرقىي دېڭىز ساھىلىنىڭ دېڭىز ئوكيانىنى نازارەت قىلىش ئۆلچەش، ھوقۇقنى قوغداش بويىچە چارلاش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئارالنى قوغداش تەكشۈرۈش، قىزىل دولقۇننى چارلاش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىگىمۇ ماسلىشىدۇ. 2007-يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دېڭىز نازارەت قىلىش ئايروپىلانى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى بويىچە قەرەللىك چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بۇ لىنىيەدە 140 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلدى. يېقىندا سىرتتىكىلەر جۇڭگونىڭ دېڭىز نازارەت ئايروپىلانىنىڭ نورمال ئۇچۇش ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلماقتا، بىر تەرەپتىن ياپونىيە ئىزچىل ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، قەستەن قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئاقنى قارا قىلىۋەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلان چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز نازارەت ئايروپىلانىنىڭ ئېلىمىز ھاۋا تەۋەسىدىكى نورمال چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان كەسكىن ۋەزىيەتكە ياپونىيە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە