باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ

2012.12.05 14:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ‹‹B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ مەكتەپ ۋە يەسلىگە كىرىش ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىنB تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنى سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ۋە يەسلىگە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماسلىق ۋە مەكتەپتىن چېكىندۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

  تېببىي ئىلىم تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قان ئارقىلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردىن ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى تۈرى (يەنى جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، بۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى e ئانتىتېلاسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرولۇق ئانتىتېلاسى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دېئوكسى رىبونۇكلېئوتىد قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتە ‹‹B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ بەش تۈرى›› ۋە DNA – HBV تەكشۈرتۈشى دەپ ئاتىلىدۇ)نى تەكشۈرمەسلىكى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنى بىلەن يۇقۇملانغان – يۇقۇملانمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداش توغرىسىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ، سەھىيە تارماقلىرى ‹‹مائارىپ قانۇنى››، ‹‹يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، قائىدە–نىزاملارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مەكتەپ ۋە يەسلىگە كىرىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى تۈرىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى پېچەتلەپ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېچىپ كۆرۈشىگە تاپشۇرۇش كېرەك؛ ھەرقانداق تارماق، مەكتەپ ۋە شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى خالىغانچە ئېچىپ كۆرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان دوختۇر – سېسترالارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە تارماقلىرى ئەھۋالنىڭ ئېغىر–يېنىكلىگە قاراپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىشتىن توختاشقا بۇيرۇيدۇ، كەسىپكارلىق كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. (لىخەنجى، جىڭ بو خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە