باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ شۇ جايدىلا بېجىرىشنى تەلەپ قىلدى

2012.12.05 13:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارالىق تور ئاخباراتى : دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە ، دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئامما ئىنكاس قىلغان كېنىشكە بېجرىش گەۋدىلىك مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن . يېقىنقى كۈنلەردە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئاساسىي ئىدىيەۋى مەقسەتنى كۈچەيتىپ ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ ، كېنىشكە بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەكىتلىگەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارلاش ، ھەقىقىي تۈردە كېنىشكە بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ، كۆچمە نوپۇس قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ كېنىشكە بېجىرىش تەس بولۇش مەسىلىسنى ھەل قىلىپ ، مۇلازىمەت كۆزنەك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى : ھەر قايسى جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسى بېجىرىش ئىسپاتى ، شارائىتى ، تەرتىپى ، ۋاقىت چەكلىمسى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بارلىق كىنىشكە–ئىسپاتلارنىڭ مۇندەرىجىسى ، ئىلتىماس قىلىش جەۋىلى ئۆرنىكى ، ھەق تاپشۇرۇش- تاپشۇرماسلىق ، مۇلازىمەت ئەھدىنامىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تور بېكەتلىرىدە ، ئىش بېجىرىش سورۇنلىرى قاتارلىق سورۇنلاردا ئاشكارىلاپ ، ئاممىغا مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە تەرتىپىنى بىلدۈرۈش كېرەك .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى : يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئاممىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى بېجىرىشتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى ئىخچاملاشتۇرۇش كېرەك . ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلارغا بىرلا قېتىمدا يازمىچە ئۇسۇلدا تولۇقلاشقا تېگىشلىك بارلىق ماتېرىياللارنى ئۇقتۇرۇش لازىم . بىرىنچى پەرزەنتىنى تۇغۇش مۇلازىمەت كېنىشكىسى (تىزىملىتىش )، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا–ئانىلار شەرەپ كىنىشكىسى ، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ نىكاھ–تۇغۇت ئىسپاتى ياكى نىكاھ–تۇغۇت ئەھۋالى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ بەرگەندە ، كېنىشكە بېجىرىشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە ماتېرىياللىرى تولۇق بولغانلىرىنى دەل ۋاقتىدا بېجىرىش لازىم . نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئاممىغا قايتا تۇغۇش مۇلازىمەت كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بەرگەندە ، تەرتىپنى ئىخچاملاشتۇرۇپ ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك . ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆزى پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى بېجىرىشكە ئامالسىز بولغاندا، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ . ئالاھىدە قىينچىلىق بار ئاممىغا نىسبەتەن ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بېجىرىپ بېرىش لازىم. مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى بېجىرىش جەريانىدا ، ئالاقىدارنىڭ شەخسي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى : تۇغۇت يېشىدىكى كۆچمەن ئەر–ئايال ئىككى تەرەپنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا–بازار ، كوچا باشقارمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى پەرزەنتىگە تۇغۇت مۇلازىمەت كېنىشكىسى (تىزىملىتىش) بېجىرىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، ھەمدە قوبۇللاش–تاپشۇرۇش مەسئۇلىيىتى يولغا قويۇلىدۇ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن باشتىن تارتىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، كۆچمەن نوپۇسلارغا نىكاھ–تۇغۇت كېنىشكىسى ياكى نىكاھ–تۇغۇت ئەھۋالى ئىسپات ماتېرىياللىرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ . تۇغۇت يېشىدىكى كۆچمەن ئەر–ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت ياكى كۆپ قېتىم نۇرغۇن جايلاردا كىنىشكىسىز كۆچمەن بولۇپ نىكاھلىق–تۇغۇتلۇق ئەھۋالىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىغاندا ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ، قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ئالاقىدارنىڭ ۋەدىسىنى ئېلىپ ، نىكاھ–تۇغۇت كېنىشكىسى بېجىرىپ بېرىشى لازىم .نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن ھەمكارلىشىپ پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ ، ئۇچۇر سېلىشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ، ئۆز ئارا بىر-بىرسىگە ئىتتىرمەسلىكى كېرەك . ئوخشاش بىر شەھەر ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن ، كوللېكتىپ نوپۇسى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ بېرىشى لازىم .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى : ناھىيە ، يېزا–بازار (كوچا باشقارمىسى) لىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىدا پىلانلىق تۇغۇت ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ ، مەركەزلەشتۈرۈپ كىنىشكە بېجىرىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى بولمىغانلىرىنى نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ كىنىشكە بېجىرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك . «12356» پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار بىلەن دەل ۋاقتىدا ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم . تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ، كەينىگە سوزۇش ياكى بېجىرىپ بېرىشنى رەت قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئالاقىدار رەھبەر ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە