- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلىمىز ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول مۇساپىسى جەھەتتە دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى
2012.12.05 10:36
1958-يىلى تۈنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول ياسالغاندىن باشلاپ، بۇ يىل 1- دېكابىر خاربىن –دالىيەن تىز سۈرەتلىك تۆمۈر يولىدا رەسمىي قاتناش باشلانغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول مۇساپىسى 54 يىلدا 48 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول مۇساپىسى جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان رۇسىيەدىن ئېشىپ، دۇنيادا 1-ئورۇنغا ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول 68 دۆلەت ۋە رايوندا بار ئىكەن؛ ئومۇمىي مۇساپىسى جەھەتتە رۇسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، فرانسىيەلەر جۇڭگونىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىكەن.
ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول تارتىش كۈچى چوڭ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان، توشۇش ئىقتىدارى ۋە سۈرئىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى ، تېخنىكىلىق، ئەرزان، مۇھىت ئاسرايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تۆمۈريولغا ئايلانماقتا. جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ 12- بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسلانغاندا، 12-بەش يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگونىڭ تىجارەتتىكى تۆمۈر يول مۇساپىسى تەخمىنەن 120 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش نىسبىتى %60 دىن ئاشۇرۇلىدىكەن.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە