باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىرىمنى ھەسسىلەش قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2012.11.19 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ خەينەن: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا دۆلەتنىڭ 2020-يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ھەسسىلەش بىرلىكتە تىلغا ئېلىندى، بۇ بىر تەرەپتىن مەركەزنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق نامايەن قىلدى، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئىپادىلەپ بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاھالە كىرىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت ۋە ئاساسنى ئېيتىپ بەردى. بۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش نىشانىدا مال باھاسى ئۆرلەش ئامىلى چىقىرىپ تاشلانغان، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ماس قەدەمدە بىر قاتلىنىدىغان ئاھالە كىرىمىمۇ ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ، پەقەت ئاھالە كىرىمى ھەقىقىي ئاشقاندىلا، ئاندىن خەلق ئاممىسنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلىغىلى ۋە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  ئاھالە كىرىمىنى ھەسسىلەش مەملىكەت خاراكتېرلىك نىشان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماكرولۇق قاتلامدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، بۇنىڭدىكى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر قاتلاش تەلىپى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPنى بىر قاتلاش تەلىپى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ئاساستا شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىگە قارىتىلغان مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەسسىلەش دېگەنلىكتۇر. 2020-يىلغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسى يەنىلا داۋاملىق كۆپىيىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، بۇ بىر قاتلانغان GDP ئومۇمىي مىقدارىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۈلۈش ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئاھالە كىرىمىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش، 2020-يىلىغا بارغاندا ھەربىر ئادەمنىڭ كىرىمى بىر ھەسسە ئاشىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئالاقىدار دوكلاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئەتراپلىق ئۆستۈرۈش» نىشانىدىكى «كىرىم تەقسىماتى پەرقىنى كىچىكلىتىش» تەلىپىدىن قارىغاندا، بۇ بىر ھەسسە ئاشۇرۇش تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپرەك ئاشۇرۇش، ئوتتۇرا كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى تەكشى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاستىراق ئاشۇرۇش دېگەنلىك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھەسسىلەش بىلەن بىرگە، يەنە كىرىم تەقسىماتى مۇناسىۋىتى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەسسىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن پۇقرالار رازى بولىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە