باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈلمىسىدە غەربنىڭكىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ

2012.11.12 14:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-نويابىر، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوچياڭ 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېبابەت، دورىگەرلىك، سەھىيە ساھەسىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ گوچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزدە داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى %95تىن ئاشىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىشتا، سىياسەت جەھەتتىن جۇڭگو تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان توسالغۇ مەۋجۇت. جۇڭگو تېبابىتىگە خاس تۈرلەر پەيدىنپەي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈرىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق قارىدى، دۆلىتىمىزنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىدە غەربنىڭكىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ، ھۆكۈمەت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئامما كۆتۈرەلەيدىغان، مالىيە سىجىل كاپالەتلىك قىلالايدىغان، جۇڭگو ۋە غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، جۇڭگوچە داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە