باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەكىللەرنىڭ ساداسى

2012.11.12 08:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى، ۋەكىللەر: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ناھايىتى مۇھىم، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، دوكلاتتا ئاساسىي قاتلاملارنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش ۋە نىشان كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ، دېدى.

  جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل خەن شىچيۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز ئوكيان ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، دېڭىز-ئوكيان پەن تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆز ئالدىمدىكى بايلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا يەنە دېڭىز-ئوكيانلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز- ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنىمۇ قوغدايمەن.

  ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل ۋۇ مەنچىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ مۇداپىئە پەن تېخنىكا خادىملىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، بۇرچىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل لېي ياڭجۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ئەمما بەزى يەرلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ، نۆۋەتتە ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپ ئالىدىغان مەزگىل، ئەمما بەزى جايلاردا پارتىيە بىلەن ئامما مۇناسىۋىتى دېگەندەك قويۇق ئەمەس، شۇڭا ئاممىنىڭ مۇنداق ئۈچ ئارزۇسى بار، بىرىنچى، كۈچلۈك ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى بولسا، ئىككىنچى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا بازا بولۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇشى، قەيەردە پارتىيە ئەزاسى بولسا شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتى بولۇشى كېرەك، ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ ساپلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلسە.

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، لاگۇ مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل لىنالو بۇلاڭ مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل ياڭ زىچىڭ، ۋازۇ مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل چېن فېڭشيەنلەر بىلەن بىرگە كومپارتىيەگە رەھمەت دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، لى نالو يۈننەننىڭ لەنساڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ناخشىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}