باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ سەھىيە ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

(ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىل ئۆزگەرتىش، كەيپىيات يېڭىلاش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش)

2012.11.06 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسال ئىچكى بۆلۈمدە بالنېتسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان خاربىنلىق بىمار لى شيۇجېن مۇنداق دەيدۇ: «خەينەندە ئۆلكە ھالقىپ سۇغۇرتىلىق داۋالىنىش ھەممىباب كارتىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، داۋالىنىش كارتىمىز بىلەن باشقا جايدىمۇ داۋالىنالىساق دېگەن ئارزۇيىمىز رىياللىققا ئايلاندى. داۋالىنىش ئىشىمىز كاپالەتكە ئېرىشتى، ۋاقىتمۇ تېجىلىدىكەن، قولايلىقكەن، بىزمۇ خاتىرجەم بولىدىكەنمىز، ئاتا-ئانام ئاخىرقى ئۆمىرىنى سەنيادا ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.»

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى تىلغا ئېلىنغاندا، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا دوختۇرخانىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، يۈرەك-قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ۋىراچى ۋېي خەيجۇ 18-قۇرۇلتايدا پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى سىياسەتلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشسە ۋە كېڭەيسە، داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىش بىلەن بىللە چەت-ياقا رايونلارنىڭ داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىغا قارىتىلغان سېلىنما سالمىقى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كەڭ ئامما ئىسلاھات داۋامىدا بارغانسېرى كۆپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشسە، دېگەننى ئارزۇ قىلىمەن دېدى. (مۇخبىر ما يۆفېڭ، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە