باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون يىلدا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز راۋاجلاندى

2012.11.05 14:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، كۈچلۈك تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە نۇرلاندۇرۇلدى. 2003-يىلىدىن تارتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە 1219 تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت تۈرى 515 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %42 نى ئىگىلەيدۇ. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، رېگوڭ مەدەنىيىتى، چياڭزۇ مەدەنىيىتى، غەربىي خۇنەننىڭ ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىدىكى تۇجيازۇ، مياۋزۇ مەدەنىيىتى، دىچىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، دالى مەدەنىيىتى قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سىنىقى رايونى ئىلگىرى-كېيىن تەستىقلاپ قۇرۇلدى.

  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىجادىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. «يۈننەن ئوبرازى»، «جۇڭگو سالارلىرى»، «پايانسىز يىپەك يولى»، «ئايدىكى خېلەن»، «يايلاق خاتىرىسى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يازغۇچىلار قوشۇنى ئۆزلۈكسىز زورايدى، ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى قاتارلىق مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. دۆلەت شىزاڭ، شىنجاڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشى، رادىيو، تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، سىمسىز قاپلاش قۇرۇلۇشى، يېزىلاردا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل، تىل تۈرى بىر قەدەر تولۇق، قاپلىنىشى ئەتراپلىق بولغان رادىيو، تېلېۋىزىيە، كىنو سىستېمىسىنى ئاساسەن ئورناتتى، مىللىي رايونلارنىڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ كەتتى. مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت كەسپى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. يۈننەن، گۇاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، گۈيجۇ قاتارلىق جايلار مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تاراتقۇ، كىنو، تېلېۋىزىيە، سەنئەت ئويۇنى، نەشرىيات قاتارلىق دۆلەتنىڭ چوڭ مەدەنىيەت باشلامچى كارخانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى قۇرۇپ، كارخانا ۋە جەمئىيەت دەسمايىسىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت، سەنئەت ئويۇنى، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى ياخشى بىرىكتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. ھەر يىلى چەتئەللەرگە چىقىپ زىيارەتتە بولغان ۋە ئويۇن قويغان سەنئەت ئۆمەكلىرى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت سەنئەت ئۆمەكلىرى %30 تىن %40 كىچە بولدى. نۇقتىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرلىرى ئارقىلىق، جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى نامايان قىلىندى، بۈگۈنگىچە چەتئەللەردە 30 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇلدى ۋە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلدى، ئويۇن قويۇش سانى جەمئىي 400 مەيداندىن ئاشتى، تاماشىبىن بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يېتىپ، ناھايىتى ياخشى باھا ئېرىشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە