باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» تۈزۈلدى

2012.11.01 14:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقاتخانىسى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن «پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» نى تۈزدى.

  پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش ئىشلىرى، دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى؛ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭىدىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى.

  «پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دە بەش يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپە ۋە ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلەر مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە