باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا

2012.10.29 14:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا كىشىلەر جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈدۈ، شەندۇڭنىڭ ئۆلكىسىنىڭ زاۋجۇاڭ قاتارلىق قىزىل خاتىرە ئورۇنلىرىغا بېرىپ، پارتىيە تارىخى، ئىنقىلابقا ۋارىسلىق قىلىش روھىنى ئەسلىدى.

  جياڭشىنىڭ يۈدۈ ئەينى ۋاقىتتا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي، 78يىلنىڭ ئالدىدا يۈدۈ خەلقى سۇناي چېلىپ قىزىل ئارمىيەنى ئۇزۇن سەپەرگە ئۈزۈتۈپ قويغان، بۈگۈنكى كۈندە «قىزىل بالا» سۇناي سەنئەت ئۆمىكىدىكى يۈزگە يېقىن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىز باسارى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم سۇناي چېلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالماقتا.

  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زاۋجۇاڭ تۆمۈر يول پارتىزانلىرى خاتىرە باغچىسى كىلاسسىك ئىنقىلابى ھېكايىلەرنى باش تېما قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ تىپتىكى ئىنقىلابى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى ھەمدە مەخسۇس قىزىل كىلاسسىك كۆرۈنۈش ئويۇنلىرىنى تەشكىللەپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى قايتىدىن نامايان قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىبەيپو خاتىرە سارىيى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۈينىڭدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇچراشقان كونا جايلار ئەسلىدە تېزىپ قويۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاساسىدا، چوڭقۇر قىزىپ، بىر تۈركۈم ئەڭ يېڭى قىممەتلىك تارىخى ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىيال سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنفۇدىكى يېڭى 4-ئارمىيە خاتىرە سارىيى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجوۋدىكى لىياۋنىڭ شنىياڭ ئۇرۇش خاتىرە سارىيىنىڭ «ئىنقىلابى قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى» باش تېمىسىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە