باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىلمىي تەرەققىياتتىكى شانلىق نەتىجىلەر

2012.09.21 13:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: بۇ بىرقانچە كۈندە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى رايونلار مول ھوسۇل ھەققىدە ئارقا ئارقىدىن خۇش خەۋەر بەردى، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن بىر يىلدا ئاشلىق مەھسۇلاتى يېرىم ئەسىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇدا 9 يىل ئاشتى.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېھقانچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %90 گە يەتتى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى، غەربىي جەنۇبىي رايونلارنىڭ %80ئىدە كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىندى.

  سىچۈەندە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  كەنجى شال ئەڭ ئاخىرى يىغىلىدىغان كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى، نۆۋەتتە ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە زىيانداش ھاشارەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىدە ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقان شېن چاڭمىڭ دۆلەت بەرگەن تولۇقلىما بىلەن ئۆزىنىڭ مىڭ مودىن ئارتۇق شاللىقىدا زىيانداش ھاشارەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش تەدبىرى قوللاندى.

  ئېلىمىزدە كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ جەنۇبتىن شىمالغىچە قاپلانغان. بۇ ئاساسلىقى شەرقى شىمالدىكى ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى رايونلار، خۇاڭخې، خۈەيخې، خەيخې دەريالىرى ۋادىسىدىكى ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى رايونلار ۋە غەربىي جەنۇبتىكى ئاساسلىق كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى رايونلارغا تارالغان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىچە، بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىق كۆلىمى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 11 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپەيگەن، قىسىمەن رايونلاردا كۈچلۈك يامغۇر ۋە تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ يىل مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋا رايى شارائىتى كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىرىشىغا پايدىلىقكەن، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش دەرىجىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يېنىككەن.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە