باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە سەككىز مىليون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2012.06.13 16:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سەككىز مىليونغا يېتىدۇ دېدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جايلار تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ھەممە ئادەمگە، جەمئىيەتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى ۋە ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى پائال كېڭەيتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن باشقا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇرۇنقى يىللاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، تولۇق ئوتتۇرىغا چىقالمىغان ئوقۇغۇچىلار، شەھەر-يېزا ئەمگەكچىلىرى، ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەرنى داۋاملىق يەرلىكنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ئوقۇشقا يېتەكلىشى لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەرقىي رايون بىلەن مەركىزىي شەھەرلەر سىياسەت، تەدبىر چىقىرىپ، ئالاقىدار مېخانىزم ئورنىتىپ، ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا يۈزلىنىپ، تۈرلۈك شەكىللەردىكى بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە