باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇش تۈرىنى باشلىدى

2012.06.13 16:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىش مەخسۇس گۇرۇپپا ئىشخانىسى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى ھوقۇق-مەنپەئەت بۆلۈمى، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىش تەتقىقات جەمئىيىتى بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جەمئىيەت قوينىغا نورمال قايتىپ كېلىشىگە سىستېمىلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 12-ئىيۇن داليەندە بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى بىرلىشىپ يولغا قويدى.

  ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرلەر-پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇقتىلىق ياش-ئۆسمۈرلەر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە جىنايەتتىن ساقلىنىش سىناق خىزمىتىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئوبيېكتى. بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش-ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش تۈرىگە جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىش تەتقىقات جەمئىيىتى كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى-ھەر بىر سىناق نۇقتىسىدا 20 بىكار قالغان ياش-ئۆسمۈرگە مەخسۇس كىشىلىك تۇرمۇش يېتەكچىسىنى ھەقسىز سەپلەپ، بىرمۇ-بىر قويۇق ئالاقە ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش يېتەكچىلىكىنى سوتچى، تەپتىش، پىسخولوگ، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى قاتارلىق كەسپىي ئەربابلار ۋە جەمئىيەتتىكى داڭلىق مېھرى-شەپقەت ئەربابلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە