باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا پۇل مۇئامىلىسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلدى

2012.06.13 16:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى 12-ئىيۇن فۇجيەننىڭ چۈەنجۇ شەھىرىدە پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنى قوللاش ئىلمىي تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنىنى ئېچىپ، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى يېزىلارغا بېرىش، ئاپتاپ قەرز قۇرۇلۇشى، دېھقانلارنى بېيىتىش، يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىشتە پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ مۇبىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ يېزىلاردا، ئىقتىسادنى داۋاملىق تەكشى، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپكى تىرىكى يېزا ئىگىلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىسى دېھقانلاردا. يېزا ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى دائىرىدە، يېزا ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنى قوللايدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ قولايلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە