باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى

2012.06.13 16:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 11-ئىيۇن بېيجىڭدا باشلاندى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى-ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تۈپ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي، قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل يېمەكلىك كەسپىنىڭ ئەخلاق، سەمىمىيەت ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ-يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشىلاشنىڭ تۈپكى ئاساسى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسى-«سەمىمىي ماكان بەرپا قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» بولۇپ، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «مەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن يېڭىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، سەمىمىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تاشقى چەكلىمىنى چىڭىتىپ، رەزىل قىلمىشلارنى جازالاش، ياخشى ئىشلارنى تەقدىرلەش، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، نومۇسنى بىلىش كەيپىياتىنى يارىتىپ، سەمىمىي كىشىلەر نەپ ئالىدىغان، ساختىپەزلەر جازالىنىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ناچار، ساختا يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىشنى خالىمايدىغان ئەھۋالنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئورتاق قاتنىشىش، قوغداش، نازارەت قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھام بېرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالەت سەۋىيەسىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە