باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى زوراۋانلىق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بەرمەكتە

2012.06.13 16:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12- ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:12-ئىيۇن سائەت ئونلاردا، زور تۈركۈم تەقلىدىي مىلتىق ۋە ئوۋ مىلتىقى، پورۇخ مىلتىق، گاز مىلتىق خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن پولات تۆمۈر زاۋۇتىدا پولات تاۋلاش پېجىغا تاشلاندى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ 2012-يىللىق قورال چەكلەش زوراۋانلىقنى توسۇش مەخسۇس ھەرىكىتى قانۇنسىز قورال، زوراۋانلىق بۇيۇملىرىنى بىرتۇتاش كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 150 شەھەردە بىرتۇتاش كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلو پاش قىلىپ تاپشۇرتقۇزغان ۋە ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان 100 مىڭ قانۇنسىز قورال مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردا 250 نەچچە توننا پارتلاتقۇچ دورا كۆيدۈرۈلدى، زور بىر تۈركۈم جەمئىيەت ئامانلىقى يوشۇرۇن خەتىرى يوقىتىلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە