باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش دېلوسىدىن 7140نى پاش قىلدى

2012.06.13 16:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: سودا مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇن مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش، ساختا ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  سودا مىنىستىرلىقى بازار تەرتىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چاڭ شياۋسۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مەركەزلىك تۈزەش جەھەتتىكى نەتىجىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش، ساختا ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش دېلوسىدىن 78773نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پۇل بىر مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 4065 جىنايەت ئۇۋىسى بىت چىت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش دېلوسىدىن 7140نى پاش قىلىپ، 9305 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۇل بىر مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  چاڭ شياۋسۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىشتا يېڭى بۆسۈش بولدى، ئالايلۇق، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى كارتون مەھسۇلاتلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ ئىنتېر تورىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز دورا يىغىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە