باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆيلەرنى باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى

2012.06.13 16:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇن «ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆيلەرنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى. بۇ چارىگە ئاساسەن، يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆيلەرگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، بىراق ئىلتىماس قىلغۇچى سىرتتىن ئىشلىگىلى كەلگەنلەر بولسا، شۇ يەردە مۇقىم خىزمەت قىلىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن يىل چەكلىمىسىگە يېتىشى كېرەك ئىكەن.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ چارىدە، ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆينى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بازاردىن چېكىنىش مېخانىزمى قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. چارىدە، ئاممىۋىي ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، سېتىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق توپلانسىمۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالسىمۇ، ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەبلىغىنى توپلىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە