چۇڭچىڭ قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى لى يى بىرىنچى سوتتا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2009.11.06 15:44
شىنخۇا ئاگېنتلىقى چۇڭچىڭ 5-نويابىر تېلېگراممىسى سەككىز يىلدىن بۇيان دېلو سادىر قىلىپ يۈرگەن، گۇرۇھتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا دىگۈدەك «چاشقان»، « قاقۋاش» دېگەندەك لەقىمى بولغان، ئامما ئارىسىدا «كەيشيەندىكى زوراۋانلار»دەپ ئاتالغان لى يى قاتارلىقلارنىڭ قارا گۇرۇھى قانۇن بويىچە يۇقىتىلدى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 5-نويابىر 1-سوتتا بۇ دىلو ئۈستىدىن ئاشكارا ھۆكۈم چىقاردى. «چاشقان »لەقەملىق لى يى 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىندى شۇنداقلا بىر مىليون ئون مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، قالغان 25 نەپەر ئەزاسىغا 6 ئايدىن 17 يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. (جۇ ۋېي خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)