ئىچكىرىدە دوكلات قىلىنغان A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H1N1 غا گىرىپتار بولغانلار 51 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
39 مىڭغا يېقىن ئادەم داۋالاپ ساقايتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلار 153، داۋالاپ ساقايغىنى 43، ئۆلگىنى 8
2009.11.05 14:48
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 4-نويابىر تېلېگراممىسى جۇڭگو كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش، كونترول قىلىش مەركىزى كېسەللىكلەرنى كونترول قېلىش ۋە جىددىي تەدبىر كۆرۈش ئىشخانىسىنىڭ جۇرىنى فېڭ زىجيەن 4-چېسلا مۇنۇلارنى مەلۇم قىلدى: سەھىيە مىنىستىرلىكى ئارىلاپ تارقىتىۋاتقان A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H1N1 نىڭ ئېپىدېيە ئەھۋالى ھەرگىز ھەقىقىي كېسەللىك ئەھۋالى ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئېلىمىزدىكى ئېپېدىيە ئەھۋالىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.سەھىيە مىنىستىرلىكى 4-نويابىرغىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئومۇمىي دوكلات قىلىنغان A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H1N1غا گېرىپتار بولغانلارنىڭ 51 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، 39 مىڭ بىمارنىڭ داۋالاپ ساقايتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلارنىڭ 153، داۋالاپ ساقايغىنىنىڭ 43، ئۆلگىنىنىڭ 8 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. (مۇخبىر جۇ تىڭيۈ، ۋۇ جىڭ)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)