يۈننەن بىنچۇەن ناھىيىسىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا
2009.11.04 16:33
 |
11-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ماخۇا كەنتىدىكىلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى باشچىلىقىدا چېدىر قۇرۇپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى.
|
يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىنچۇەن ناھىيىسىدە 5.0 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. نۆۋەتتە سۇ، توك، يول ۋە تېلېگراف قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەلەر تولۇق ئەسلىگە كەلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چىن چىڭ فوتوسى )
【1】
【2】
【3】 
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)