جۇڭگو جەنۇب پاراۋۇز گۇرۇھى تۈركىيىدىن 350 مىليون يۈەنلىك زاكاسقا ئېرىشتى
2009.11.03 16:03
گېزىتىمىز بېيجىڭ 2-نويابىر تېلېگراممىسى بۈگۈن دۆلەت مەبلىغى كومىتېتىدىن ئىگەللىنىشىچە، جۇڭگو جەنۇپ پاراۋوز ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى باشچىلىقىدىكى جەنۇپ پاراۋۇزى جۇ جوۋ ئېلېكتىر پاراۋۇز چەكلىك شىركىتى يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرى بىلەن ئۇلارغا 350 مىليون يۈەنلىك يىنىك رېلىسلىق پويىز سېتىپ بېرىشكە زاكازلاشتى. بۇ جۇڭگونىڭ مۇستەقىل بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە ئىشلەپچىقارغان تۆمۈر يول ترانسىپورتى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخنىكا تەلىپى ئەڭ يۇقىرى بولغان ياۋروپا بازارلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (مۇخبىر شيو جيەن)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)