تەيۋەندە A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام HINI سەۋەپلىك دەرس توختاتقان سىنىپلارنىڭ كۈن سانى مىڭ كۈندىن ئاشتى
2009.11.03 13:56
شىنخۇا تورى تەيبېي 2 -نويابىر تېلېگراممىسى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام HINIنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك، تەيۋەندە يېقىندا دەرس توختاتقان سىنىپلارنىڭ سانى بىراقلا تۆت خانىلىق ساندىن ئېشىپ 1109 سىنىپقا، تەسىر يەتكەن ئوقۇغۇچىلار سانى 33 مىڭغا يەتتى.
تەيۋەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردا ئۈچ كۈن ئىچىدىلا جەمئىي ئىككى ئوقۇغۇچى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام HINI غا گىرىپتار بولسا بەش كۈن دەرس توختىتىش بەلگىلەنگەن.ھازىرغىچە، تەيۋەندە A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام HINI سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا ياتقان كېسەللەر سانى 502گە، ئۆلگەن ئادەم 27گە يەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)