باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
سەھىيە مىنىستىرلىكى: A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINIنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ
جايلار تولۇق كونترول قىلىش تەييارلىقىنى كۆرۈپ بولدى
2009.11.02 16:32  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  سەھىيە مىنىستىرلىكى: جىددىي تەدبىر كۆرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ ۋەننيەن 1-نويابىر، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINIنىڭ ئاساسلىق ياشلاردا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىلا سۇس ھالەتتە بولىۋاتقانلىقىنى، ئېلىمىزدىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كونترول قىلىش ۋەزىيتىنىڭ يەنىلا بىر پۈتۈن كونترول ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، جايلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تولۇق كونترول قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت بايرىمىدىكى ئارامدىن كېيىن، ئېلىمىزدە كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى تېز ئەۋج ئالغان، 12-ئۆكتەبىردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئېلان قىلىنغان A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINI بىلەن يوقۇملانغانلار 15 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، نۇرغۇن جايلاردا يۇقۇملۇق زۇكامغا گىرىپتار بولغانلار كىشىلەر جىددىي كۆپەيگەن، ئايرىم رايونلاردا يۇقۇملۇق زۇكام قاتتىق ئەۋج ئالغان. بەزى جايلاردا ئۆلۈم ئەھۋالى كۆرۈلگەن. كېسەللىك شەھەرلەردىن غەربى رايونلارغا، يېزىلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغىچە يامرىغان. كۆزىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، كېسەللىك ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش بولمىغان جىددىي كېسەللىكلەرنى كىلىنكىلىق داۋالاش ئومۇمەن پەسەيگەن بولسىمۇ بىراق خەلقىمىز ئىچىدە زۇكام بولۇش ئومۇملاشقان، زۇكام بولغانلارنىڭ %80تى A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINIغا گىرىپتار بولغانلار ئىكەن.

  مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved