شياڭگاڭدا A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINI بىلەن ئۆلگەنلەر 38گە يەتتى
2009.11.02 15:06
شىنخۇا ئاگېنتلىقى شياڭگاڭ 1-نويابىر تېلېگراممىسى شياڭگاڭ دۇختۇرخانا باشقۇرۇش ئىدارىسى 1-نويابىر شياڭگاڭدا يەنە يېڭىدىن بىر كىشىنىڭ A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINI بىلەن ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ھازىرغىچە شياڭگاڭدا كۆرۈلگەن 38-قېتىملىق A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINIغا چېتىشلىق ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شياڭگاڭ دۇختۇرخانا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆلگۈچى تۇتقاقلىق كېسىلى، دوۋن سىندرومى كېسىلى شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۇسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 47 ياشلىق ئەر ئىكەن. بىمارغا شياۋگەن دۇختۇرخانىسىدا A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام HINI بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، 29-ئۆكتەبىر دۈنمېن دۇختۇرخانىسىغا يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. يۇقۇملانغۇچى 31-ئۆكتەبىر ئاخشىمى ئۆلگەن. (مۇخبىر خې ليۇ خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)