باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق ئۆلكىسىدە A تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام يامراپ كەتتى
بىمارلار 473 دىن ئېشىپ، 4 ئادەم ئۆلدى
2009.10.30 16:34  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  گېزىتىمىز ئۇلانباتۇر 28-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى موڭغۇلىيە دۆلىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك باشقارمىسى 28-ئۆكتەبىر بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، موڭغۇلىيىدە تېز يامراۋاتقان A تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكامدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى كونتىرول قىلىش چارىلىرىنى تەتقىق قىلدى.

  12-ئۆكتەبىر، پايتەخت ئۇلانباتۇردا تۇنجى قېتىم 3 كىشىنىڭ A تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغاندىن بۇيان، يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپىيىپ، يۇقۇم رايونى توختىماي كېڭەيگەن. موڭغۇلىيە سەھيە مىنىسترلىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 18-ئۆكتەبىرگىچە، بۇ دۆلەتتە تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلار 473كە يېتىپ، 4 ئادەم ئۆلگەن. نۆۋەتتە، موڭغۇلىيىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق ئۆلكىسىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved