- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش»تىكى ئۈچ چوڭ سىگنالنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالدى
2014.12.22 00:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى مۇخبىرى زېڭ ۋېي، پراكتىكانت شۈ ياۋېن
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىزمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
«ئۆزىدىن باشلاپ ئىشلاپ، ئۆزگىگە ئۈلگە بولۇش»تىن تارتىپ «خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نىشانغا يەتمىگىچە بولدى قىلماسلىق»تەك يۈكسەك شوئارغىچە، «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»نىڭ شامىلىدىن «تۆت خىل ناچار ئىستىل»نىڭ دولقۇنىغىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، نۇرغۇن سورۇنلاردا پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تەرەپتىن تۈزۈم چىتلىقىنى مۇستەھكەملەپ، يەنە بىر تەرەپتىن نۇقتىنى قىيىن مەسىلىلەرگە يىغىپ، «يولۋاس» بىلەن «چىۋىن»گە تەڭ زەربە بېرىپ، مەركەزنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى قەتئىي نىيىتىنى نامايان قىلدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى جياڭسۇ سەپىرىدە «پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش»نى تۇنجى قېتىم «ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش» يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەن، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇركەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر