باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.01.25 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن تېھراندىكى سەئىد ئاباد پادىشاھ ئوردىسىدا ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىران قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت خەلقى بۇنىڭدىن 2000 نەچچە يىللار بۇرۇنلا يىپەك يولى ئارقىلىق دوستلۇق ئالاقىسى قىلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇقى تارىختىكى دوستلۇق ئالاقىسىدىن، قىيىنچىلىق دەۋرىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن، زور مەسىلىلەردىكى خالىس قوللاشتىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا كۆرۈشتەك ھەمكارلىق ئىدىيەسىدىن كەلگەن، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىناقلىرىدىن ئۆتكەن. جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتۈرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىراننىڭ رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدە يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىران بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ئىران بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ: جۇڭگو ئىران بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

  روھانىي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن ئىراندا زىيارەتتە بولغان تۇنجى چەتئەل رەھبىرى، بۇ ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ئىجابىي دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى نامايەندە بولغۇسى. ئىران جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيىتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىران جۇڭگو بىلەن يۇقۇرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتساد سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن روھانىي «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» ھەمدە ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، خەۋەرلىشىش، مەدەنىيەت، ئەدلىيە، پەن-تېخنىكا، ئاخبارات، تامۇژنا، ھاۋا كېلىماتى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى.بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى» نى ئېلان قىلدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ روھانىي سەئىد ئاباد پادىشاھ ئوردىسىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر