خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، جۇڭگو مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلار، ھۆرمەتلىك ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆرمەتلىك مېھمانلار، پاراتقا قاتناشقان كوماندېر-جەڭچىلەر، خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار، دوستلار…
بۈگۈن دۇنيا خەلقى مەڭگۈ خاتىرلەشكە ئەرزىيىدىغان كۈن. 70 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلقى 14 يىلغا سوزۇلغان جاپالىق كۆرەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى، دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈنلەي غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. تىنچلىق نۇرى يەنە بىر قېتىم زېمىننى قاپلىدى. بۇ يەردە مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پىشقەدەم جەڭچىلەر، پىشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان گېنراللار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن ياردەم بەرگەن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىششقا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت مېھمانلىرى، ھەربىيلەر، دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار، دوستلار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى- ھەققانىيلىق بىلەن رەزىللىك، يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت، ئىلغارلىق بىلەن ئەكسىيەتچىلىكنىڭ زور ھەل قىلغۇچ جېڭى. ئاشۇ ئېچىنىشلىق ئۇرۇشتا، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان. تاجاۋۇزچىلار ئالدىدا، جۇڭخوا پەرزەنتلىرى باش ئەگمەي، قانلىق جەڭ قىلىپ، ياپون مىلىتارىزىمىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنى قوغداپ، ئۇرۇش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باتۇرانە قىياپىتىنى ياراتتى.
جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى-يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگونىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە ياپون مىلىتارىزمىنىڭ جۇڭگونى مۇستەملىكە قىلىش، قۇل قىلىش سۇيقەستىنى تەلتۆكۈس بېتچىت قىلىپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا دائىم مەغلۇپ بولۇشتەك مىللىي ئار نومۇسىنى يۇدى. بۇ ئولۇغ غەلىبە- جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتىدىن تۇرغۇزدى، جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلقلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. بۇ ئولۇغ غەلبە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىدىكى پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىنى ئاچتى.
شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا، جۇڭگو خەلقى غايەت زور قۇربان بېرىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانىغا مەدەت بېرىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە قوللىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ تۇتىدۇ.
خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار، دوستلار! ئۇرۇشنى باشتىن كۆچۈرگەن كىشىلەر، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. بىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىنى خاتىرلىشىمىز - تارىخنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەپ كەلگۈسىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئوتى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئوكيانىيەنى قاپلىدى، ئارمىيە ۋە خەلقتىن يارىدار بولغان، قازا قىلغانلار يۈز مىليوندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلاردىن 35 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار 27 مىليوندىن ئاشتى، بۇنداق تارىخىي تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق-بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى، ھەققانىيلىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغانلار، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھلارنىڭ روھىنى ئەڭ ياخشى خاتىرلىگەنلىكىمىز ھېسابلىنىدۇ.
ئۇرۇش بىر ئەينەك، ئۇ كىشىلەرگە تىنچلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تۇنۇتتى. بۈگۈنكى كۈندە تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋر ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى، لېكىن دۇنيا يەنىلا تىنچ ئەمەس، ئۇرۇش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت. بىز تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.
بىز تىنچلىق ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزىشىمىز كېرەك، بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ۋە كەمسىتىش، ئۆچمەنلىك ۋە ئۇرۇش پەقەتلا ئاپەت ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، پاراۋەرلىكتە بىللە تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىشنىلا توغرا يول ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى پائال بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
تىنچلىق ئۈچۈن، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيۈپ كەلدى. مەيلى قانچىلىك تەرەققىي قىلشىدىن قەتئى نەزەر جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بېشىدىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى مەڭگۈ باشقا مىللەتلەرگە زورلاپ تاڭمايدۇ. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن داۋاملىق دۆس ئۆتىدۇ. جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە نەتىجىسىنى قەتئى قوغداپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا تىرىشىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خەلقنىڭ پەرزەنت قوشۇنى، پۇتكۇل ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشدىن ئىبارەت بۇ تۇپ مەقسەتنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە خەلقنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىدۇ، دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئىجارا قىلىدۇ. مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، جۇڭگو ئارمىيەدىن 300 مىڭ ئادەم قىسقارتىدۇ.
خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار، دوستلار، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلاتمۇ ئەۋلاد كىشلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە مۇھتاج. جۇڭخۇا مىللەتلىرى 5 مىڭ يىلدىن كۆپرەك شانلىق تارىخى مەدەنىيەتكە ئىگە شۇنداقلا تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ.
ئالغا مېڭىش يولىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، تۆت ئومۇمىيۇزلۇك ئىستراتېگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە، بوران چاپقۇنلارغا قارىماي، بەلگۈلەنگەن نىشانىمىزغا قاراپ داۋاملىق باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى! تارىخ بىزگە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ ھەقىقەتنى بىرلىكتە ئىسىمىزدە ساقلايلى. ھەققانىيەت چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، تىنچلىق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، خەلق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى