باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

يېڭىچە قوماندانلىق ئورگىنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، قوشۇنلارغا، قوماندانلىق قىلىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2014.09.24 11:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22 – سېنتەبىر بېيجىڭدا ئارمىيەنىڭ ئىشتات باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى يېڭى ۋەزىيىتى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش يېڭى تەلىپىگە قارىتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر يېڭىچە قوماندانلىق ئورگىنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۇچۇرلاشقان قىسمەن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا جىڭشى مېھمانسارىيىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەلگەندە، مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن بارلىق مۇنەۋۋەر قوماندان، مانىۋېرغا قاتناشقان قىسىمدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قوماندانلىق تارماقلىرى قىسىم قوماندانلىقىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ھەربىي قۇرۇلۇش ۋە ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارمىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىق تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر ۋە يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي قۇرۇلۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تەشكىللەپ، تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك تاماملىدى، شۇنىڭدەك ئۆز قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇيرۇق ئېڭىنى كۈچەيتىش، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇش، سىياسىي ۋە ھەربىي بۇيرۇقنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر ۋە يوليورۇقىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر بولۇش، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى تۈزۈش، جەڭ قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئەمەلىي مەشىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش، پۈتۈن دىققەتنى ئۇرۇش قىلىشقا قارىتىش، زېھنىنى يىغىپ تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئەندىزىسى ۋە دۆلەت ئىچى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش، دۇنيانىڭ يېڭى ھەربىي ئىنقىلابى ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش تىپىدىكى قوماندان بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش، تۈرلۈك تۈزىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش، ھەربىي ئىنتىزامنى قەتئىي چىڭىتىش، تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئىدىيەنى ئاڭلىق ئازاد قىلىش، قاراشنى يېڭىلاش، ئىسلاھات ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا ئاتلىنىش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قىسىمنى ئىسلاھ قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئارمىيەنىڭ ‹‹ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، مەشىقلەندۈرۈش ئىشلىرىنى باھالاش›› خىزمىتى ۋە ئەمەلىي مانىۋېر سىن فىلىمىنى كۆردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۈي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخې قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر