- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىغا قاتناشقان 18 جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى
2014.08.11 14:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈچلۈك تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرىنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا، 9-ئاۋغۇست سائەت 18 گىچە شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 28-ئىيۇل ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىغا قاتناشقان 18 جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 1-ئاۋغۇست «28-ئىيۇل ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى پاش قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 28-ئىيۇل ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىغا قاتناشقان جىنايەت گۇماندارلىرىنى دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر