- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى: پۇقرالار بىلەن مۈشۈك-چاشقان ئويۇنى ئويناشقا قەتئىي بولمايدۇ
2014.12.03 16:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەتچىلىك «ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى (لايىھە)»نى قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ، بۇ مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىشتا لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆپ كىشى بىلمەيدۇ.
10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دوكلاتىدا، ئسىلاھات لايىھەسى توغرىسىدا «جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنمىغان» لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، لى كېچياڭ دەرھال: «نېمىشقا؟ ئاشكارا پىكىر ئالماسلىقنى نەزەردىن قىلىمىزمۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇستەسنا قىلىنىدۇ؟»، دەپ سۈرۈشتۈردى.
لى كېچياڭ زۇڭلى مۇنداق جاۋابقا ئېرىشتى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقات ۋە مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا، بەزىلەر لايىھە توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىنسا «ئاخىرىنى يىغىشتۇرۇۋالالماي» قىلىشتىن ئەندىشە قىلاتتى، بەزىلەر لايىھە توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىنسا، بۇ لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇش-قويۇلماسلىقىغا «ئىشەنچ» قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايىتتى.
لى كېچياڭ دەرھال ئىنكار قىلىپ: «ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز ئاممىغا يۈزلەنگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان خىزمەتنى قىلىۋاتىمىز، ئامما بىلەن مۈشۈك چاشقان ئويۇنى ئويناشقا قەتئىي بولمايدۇ!»، دېدى.
«شىنجىڭ» گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر