باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ۋاڭ چىشەن

ۋاڭ چىشيەن ئىنىتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2014.10.27 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 123 ئەزاسى قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى- پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش.ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشيەن سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشتا سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تايىنىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، بۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى.

  ۋاڭ چىشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ كۈرەش نىشانى بارغانچە ئۇلۇغ بولسا، دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت بارغانچە مۇرەككەپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپە بارغانچە جاپالىق بولىدۇ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى دۆلەت قانۇنىدىنمۇ قاتتىق بولۇشى كېرەك. پارتىيە مۇقەددەس بۇرۇچنى ئۈستىگە ئالغان سىياسىي تەشكىلات، تەشكىلىي جەھەتتە بويسۇنۇشنى، ھەرىكەت جەھەتتە ئىنتىزامنى تەكىتلەيدۇ. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا پارتىيە ئەزالىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇش، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كادىرلارنى باشقۇرۇش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار پارتىيە نىزامنامىسىدىكى پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك، دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا ئۈلگە بولۇپ ئەمەل قىلىشى لازىم.

  ۋاڭ چىشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلار پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدە شېرىك بولۇۋېلىشقا، تىل بىرىكتۈرۈپ گۇرۇھ بولۇۋېلىشقا، مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشقا، ئىنتىزامغا خىلاپ ئىش قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  سىياسىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرىدا سىياسەت بولسا، تۆۋەندە قارشى تەدبىر بولۇش، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، توسقىلى بولماسلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر