شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2024.05.11 08:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مۇھىم پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگوغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوقۇم ۋېنگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ۋېنگىرىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى بىللە يۈرگۈچى بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە تاماملاشنى خالايدۇ. پاكىز ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل بېشىدا، مەن ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنى جۇڭگو - ۋېنگىرىيەنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇم. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇشنى داۋاملىق قوللاپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياۋروپا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم ھەمراھ. ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە، ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئوربان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. 15 يىل ئىلگىرى سىز ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، 15 يىلدىن بۇيان بىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىز ۋە ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. سىزنىڭ زىيارەتكە كېلىشىڭىز ۋېنگىرىيە - جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، بۇ، ۋېنگىرىيە ۋە ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلاپ، كەلگۈسىدىكى ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. مېنىڭ ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىم بار.

  ئوربان مۇنداق بىلدۈردى: ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋېنگىرىيە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋاقتىدا قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، داۋاملىق تۈردە قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگونىڭ «جانجىگەر» دوستى بولۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ ئىلگىرىمۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋېنگىرىيەگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋېنگىرىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» ياكى «خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش» قاتارلىق كۆز قاراشلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا ئۈچۈن خەۋپ - خەتەر ئەمەس، بەلكى پۇرسەت. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋېنگىرىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە ئۈندەشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى» ۋە زىيارەت نەتىجىلىرى ھۆججەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ