شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2024.05.11 08:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋېنگىرىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، قۇرۇقلۇق ھالقىغان دوستلار، دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھقىچە بولغان سىجىل چوڭقۇر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن 75 يىلدا، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسى يولنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، بىر - بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى ھەم ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمىغان، شۇنداقلا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىشى ھەم بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللىشى ۋە قوغدىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۆتىنچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ «شەرققە ئېچىۋېتىش» ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى توغرا يۆنىلىشكە داۋاملىق يېتەكلەپ، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سۇليوك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇردى. 2017 - يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋېنگىرىيە تەرەپنى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق داۋامىدا زور نەپكە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىدا خەلقئارالىق سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، بۇ، ھازىر دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل خىرىسلارنى ھەل قىلىش، لاگېرلار قارشىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، ۋېنگىرىيە تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋېنگىرىيە بېكىتكەن فاڭجېن. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىدە خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇشى مۇقەررەر ھالدا ۋېنگىرىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلغار تېخنىكا ۋە تەجرىبىگە ئىگە، ۋېنگىرىيە تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ۋېنگىرىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى ۋە كۇڭزى شۆيۈەنىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ