شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئوربان ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2024.05.10 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئوربان بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئوربان بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  باش يازدىكى بۇداپېشتتا قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، قەدىمىي، ھەشەمەتلىك بۇدا خان سارىيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

  شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئولتۇرغان دۆلەت مېھمىنى ئاپتوموبىل ئەترىتى ۋېنگىرىيە مۇراسىم ئاتلىقلار ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزىتىدە بۇدا خان سارىيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاستا - ئاستا كىرىپ كەلدى. زۇڭتۇڭ سۇليوك ۋە رەپىقىسى، زۇڭلى ئوربان ۋە رەپىقىسى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە بىرلىكتە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ سۇليوكنىڭ ھەمراھلىقىدا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى.

  قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى سەمىمىي ھالدا زۇڭتۇڭ سۇليوك ۋە رەپىقىسى، زۇڭلى ئوربان ۋە رەپىقىسى بىلەن خوشلىشىپ، سەل تۇرۇپ ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلاشقا كېلىشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ