شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

2024.05.10 08:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قەدەھ سۆزى قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قەدەھ سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سېربىيە «شەرقنىڭ غەرب تەرىپىگە، غەربنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان» بولۇپ، ئەزەلدىن «بالقاننىڭ ئاچقۇچى» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيلىك بۇ جايدا يۇغۇرۇلۇپ، ئۇچرىشىپ، سېرب مىللىتىنىڭ ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل، قەيسەر، تىز پۈكمەس پەزىلىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھازىر، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سېربىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلەردە كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مىللەتنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى پارلاق ھەم كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ سېربىيەگە ئەزەلدىن ئالاھىدە دوستلۇق مېھرى بار، يۇگوسلاۋىيەنىڭ «كۆۋرۈك» ناملىق كىنوسى، «ئاھ دوستلار، خەير - خوش» ناملىق ناخشىسى جۇڭگودا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە فاشىزمغا قارشى تۇرۇش روھىنى ئۇرغۇتقان، شۇنداقلا مېنىڭ ياشلىق دەۋرىمگە ھەمراھ بولغان. سېربىيەنىڭ تەنتەربىيە ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ديوكوۋىچ، يوكىچ، كۇستۇلىتسا قاتارلىق داڭلىق ئەربابلار جۇڭگودا ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك، نەتىجىسى مول بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بايا، مەن ۋە زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ئىككىمىز ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز بىرلىكتە قوشما بايانات ئىمزالاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئۇلۇغ تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتى يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، قىممەتلىك پۇرسەت ۋە پارلاق ئىستىقبالغا يۈزلەنمەكتە. جۇڭگو تەرەپ دوستانە سېربىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشنى خالايدۇ!

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ