شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2024.05.10 08:38 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ۋە سېربىيە ھۆكۈمىتى ھەم قېرىنداشلاردەك سېربىيە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2016 - يىلى مەن سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، سېربىيە رەھبەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن، بۇنى ھازىرغىچە ئۇنتۇمىدىم. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ رەھبەرلىكىدە، سېربىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگو بىلەن سېربىيە ھەقىقىي دوست، ياخشى ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ دەرىجىسى ئاشتى، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشى قويۇق، راۋان بولدى، تەۋرەنمەس دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈنۈگۈن كەچتە، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى، شۇنداقلا زۇڭلى، سابىق زۇڭتۇڭ، پارلامېنت باشلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىقلار ئالايىتەن ئايروپورتقا چىقىپ مېنى ۋە رەپىقەمنى كۈتۈۋالدى ھەم ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە سېربىيە سەنئەت نومۇرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ناھايىتى تەسىرلەندىم. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ يەنە داغدۇغىلىق، قىزغىن ئامما قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، مەن يەنە بىر قېتىم سېربىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتىدىن تەسىرلەندىم. بايا مەن ۋە زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ئىككىمىز سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن يېڭى، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.

  − بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى ئورتاق جاكارلىدۇق. سەككىز يىل ئىلگىرى، سېربىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى بولغانىدى. بۈگۈن، سېربىيە يەنە جۇڭگو بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالدى، بۇ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، ئالاھىدە خاراكتېرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  − بىز ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلاشقا بىردەك قوشۇلدۇق. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي قوللاپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، سېربىيە تەرەپنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

  − بىز كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق. جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ ساھەسى كەڭ، سۈپىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا پۇختا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە بۇنى ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

  − بىز قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي ھەمكارلىقنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. ھەرقايسى ساھەلەردىكى خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت، يەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا ئورتاق قارشى تۇرىمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاشتىكى تۇنجى قارارلىق ئالتە تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرىنى جاكارلىدى.

  بىرىنچى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - سېربىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛

  ئىككىنچى، جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ 2027 - يىللىق كەسپىي تۈردىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، شۇ چاغدا ئۆمەك ئەۋەتىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛

  ئۈچىنچى، جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپ ئەينۇلا قېقى، لەنمېينى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش رەسمىيىتىنى تاماملىدى ھەم سېربىيەدىكى تېز كېسەل پەيدا قىلىدىغان قۇش زۇكىمى يۇقۇمىغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى؛

  تۆتىنچى، جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا سېربىيەلىك 50 نەپەر ياش ئالىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پەن تەتقىقات جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ؛

  بەشىنچى، جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا سېربىيەلىك 300 نەپەر ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىدۇ؛

  ئالتىنچى، جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپنىڭ بېلگرادتىن شاڭخەيگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ئېچىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتتىكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بېلگرادتىن گۇاڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداش ئۇلۇغ كۈرىشى داۋامىدا ئۇيۇشۇپ شەكىللەنگەن، ئىسسىق قان ۋە ھاياتلىق بەدىلىگە پۈتۈلگەن. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ، نىشانى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىدىن كەلگەن. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشنى خالايدۇ.

  ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىشى سېربىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سېربىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سېربىيە خەلقى ھەقىقىي بەخت - سائادەتكە ئېرىشتى. بايا مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىم چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك بولدى، زور نەپكە ئېرىشتۇق. مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭ ئىككىمىز يەنە بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى سېربىيە - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئىمزالىدۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سېربىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى قوللايدىغان كۆپ تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرنى جاكارلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز جۇڭگودەك مۇشۇنداق ئۇلۇغ دوستىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ۋە سېربىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىدىن پەخىرلىنىمىز، سېربىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى. سېربىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. سېربىيە - جۇڭگو تەۋرەنمەس دوستلۇقى ھەرقانداق كۈچنىڭ كاشىلىسى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىمايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ