شى جىنپىڭ ماكرون بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 6 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى

2024.05.07 13:13 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 6 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ۋە فىرانسىيە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن بىرلىكتە تىياتىرخانا زالىغا كىردى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 60 يىل جۇڭگو ئەنئەنىۋى يىلنامىسىدىكى تولۇق بىر نۆۋەت ئالمىشىش دەۋرى بولۇپ، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە سەمىمىي دوستلاردىن بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئۈلگە بولۇپ قالدى. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىدا ئۆزئارا سىڭىشىدىغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان كۈچلۈك بىللە ياشاش مۇناسىۋىتى شەكىللەندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو شەرق مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، فىرانسىيە غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جۇغراپىيەلىك سىياسىي زىددىيەت يوق، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت روھىي ئورتاقلىق بار، پارلاق مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر - بىرىنى جەلپ قىلىش بار، تېخىمۇ مۇھىمى، مەنپەئىتى كەڭ بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىق بار، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرماسلىققا ئاساسىمىز يوق. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىساد - سودا ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىشنى خالايمىز. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر فىرانسىيەنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قاراپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى ساھە ئاچىدۇ، يېڭى ئەندىزە يارىتىدۇ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «فىرانسىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن جۇڭگونىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە» بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك تېز ماسلىشىش مېخانىزمىدىن داۋاملىق پائال پايدىلىنىپ، پىشلاق، سۈرلەنگەن چوشقا سېنى، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتىلغان جۇڭگوغا قىسقا مۇددەتلىك كېلىشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ قەرەلىنى 2025 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز فىرانسىيە تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ياۋروپا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، يەرشارىۋىلىشىشقا مەدەت بېرىدىغان ئىككى چوڭ بازار، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت توغرا ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ئىدېئولوگىيەلەشتۈرۈش، پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك. ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى يوقىتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانى بىر - بىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ھەمراھقا، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ھەمراھقا، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھقا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۆز ئالدىغا كېڭەيتىپ، بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز فىرانسىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايمىز. بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى ۋە ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، شۇڭا مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان يەرشارىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرماقتا. بىز ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان زور تەدبىرلەرنى پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى قىسقارتىۋاتىمىز، بۇ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، فىرانسىيە كاتتا پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنىڭ سىمۋولى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ جەۋھىرى. بىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك − تېخىمۇ ئىتتىپاق» بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى!

  جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت، كارخانا قاتارلىق ھەر ساھەلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 200دىن ئارتۇق ۋەكىل يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ