شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2024.05.07 13:12 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژدىكى ئېلسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى قىممەتلىك تارىخقا، ئۆزگىچە قىممەتكە ۋە مۇھىم بۇرچقا ئىگە، ئىككى تەرەپ تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 60 يىللىق يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشى كېرەك.

  بىز تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى قارار قىلدۇق.

  بىرىنچى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەش. مەن زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى قايتا تەكىتلەيدۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ نۇقتىلىق ئالماشتۇرۇش يوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دەل ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە سىياسەت مەيدانىنى ماسلاشتۇرىدۇ.

  ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى - يېمەكلىك، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېنېرگىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، بىيوتېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياسىمىچىلىق ئىجازىتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىدىكى بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى تېزلىتىدۇ. بىز قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، فىرانسىيە كارخانىلىرىنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىمىز. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ 18 تۈرلۈك تارماقلار ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، ئاۋىياتسىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت، يېشىل تەرەققىيات، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى تېزلىتىش. جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، مائارىپ، تەنتەربىيە، كىنو - تېلېۋىزىيە، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، فىرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتىلغان جۇڭگوغا قىسقا مۇددەتلىك كېلىشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ قەرەلىنى 2025 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى، شاڭخەيدىن مارسېلغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىشنى قوللايدۇ. 150 يىل ئىلگىرى فىرانسىيەلىك زاتلار قۇرۇشقا قاتناشقان جۇڭگو فۇجيەن كېمىسازلىقى مەكتىپى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فىرانسىيەگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى داستان. بىز فىرانسىيەنىڭ بۇ يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ يىللىق يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى بولۇشىنى قارشى ئالىمىز، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا فىرانسىيەدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشىغا، جۇڭگوغا ئالماشتۇرۇشقا كېلىدىغان ياۋروپالىق ياش - ئۆسمۈرلەر كۆلىمىنىڭ بىر قاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  تۆتىنچى، يەرشارىۋى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش. ئىككى تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنىڭ 2025 - يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز - ئوكيان يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باغچىلىرى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ قوشماقلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا تولىمۇ تىنچ ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە يەرشارى بويىچە ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىشنى خالايدۇ.

  پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئۈستىدە توختالساق، بۇ تىراگېدىيەنىڭ تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنى سىنايدىغان سىناق، خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. بىز غەززەدە ئومۇميۈزلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چاقىرىق قىلىمىز، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايمىز، پەلەستىننىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قايتا باشلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قوللايمىز.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم مەيدانىنى ئېنىق چۈشەندۈردى. جۇڭگو كىرىزىسنى پەيدا قىلغۇچىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئالاقىدار تەرەپمۇ ئەمەس، قاتناشقۇچى تەرەپمۇ ئەمەس، لېكىن بىز چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىغان ئىشنى قىلمىدۇق، بەلكى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ئۈچىنچى نۆۋەت ئالدىراش ياراشتۇرۇشنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش، ئۈچىنچى دۆلەتكە قارا چاپلاش، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»قا قۇترىتىشقا قارشى تۇرىمىز. تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق توقۇنۇش ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت سۆھبەت ئارقىلىقلا ھەل بولىدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى قايتا باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆزئارا ئىشەنچ توپلاشقا چاقىرىق قىلىمىز؛ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر باراۋەر قاتنىشىدىغان، بارلىق تىنچلىق لايىھەسى ئادىل مۇزاكىرە قىلىنىدىغان خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىشنى قوللايمىز؛ تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى قوللايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 75 يىل مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت قىياپىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، لېكىن بىر نۇقتا ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئاق كۆڭۈل تەبىئىتىمىز، كەڭ قورساقلىقىمىز ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ئىنتىلىشىمىز. ئۇ 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. جۇڭگو فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ