يولداش رېن بېشى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2024.04.29 10:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يولداش رېن بېشى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 28-ئاپرېل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندىن بۇرۇن، سەي چى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يولداش رېن بېشىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يولداش رېن بېشى ئۇلۇغ ماركسىزمچى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، تەشكىلاتچى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، يولداش ماۋزېدۇڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزى كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى.

  سەي چى سۆزىدە يولداش رېن بېشىنىڭ ھاياتى، نەتىجىلىرى ۋە قالتىس تۆھپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش رېن بېشى ياشلىق دەۋرىدىلا ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇشتەك ئىنقىلابىي غايىنى تىكلەپ، باشتىن-ئاخىر ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ، بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشقان. يولداش رېن بېشى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، راۋاجلىنىشى ۋە زورىيىشى، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابى غەلىبىسىنىڭ پۈتكۈل تارىخى بىلەن زىچ باغلانغان.

  سەي چى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن نۇرىلاندۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  لى گەنجيې سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خې ۋېيدۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ