شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.28 09:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. 45 يىللىق جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىزگە نۇرغۇن مۇھىم ئىلھام بەردى، يەنى، ئىككى دۆلەت رەقىب بولماستىن، بەلكى ھەمراھ بولۇشى كېرەك؛ ئۆزئارا زىيان يەتكۈزمەستىن، بەلكى بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك؛ يامان غەرەزدە رىقابەتلەشمەستىن، بەلكى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك؛ دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئىككى خىل بولماستىن، بەلكى گېپى گەپ، ئىشى نەتىجىلىك بولۇشى كېرەك. مەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ ھەم ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، ھەم كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن كۆرسەتمە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى، مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، بۇ يىل جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش، مۇقىملىقنى مۇھىم بىلىش، ئىشەنچنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن يەنە «ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشان تىكلىگەندىلا، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەت ۋە مۇقىم تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدىم. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش دەۋرنىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى. مەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ جاۋاب بەردىم، بۇ ئاللىبۇرۇن جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ بايرىقىغا ئايلاندى، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يەرشارى شۇنچە چوڭ، ئىنسانلار شۇنچە كۆپ ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگودا قەدىمكىلەر «بىر كېمىدىكىلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»نى ئوتتۇرىغا قويغان، مېنىڭچە ھازىر «يەرشارىدىكىلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»ى زۆرۈر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىر ـ بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ھالاۋەتتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، جاپادا ھەمدەم بولىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىك تەڭ نەپ ئېلىش، كۆپ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ زور ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا ۋە جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى. مەن باشتىن ـ ئاخىر چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس قىياپىتى بولۇشى، چوڭ دۆلەتكە خاس كەڭ قورساقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ كەلدىم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ، پۈتۈن يەرشارىنى ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن سان فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندا، توغرا تونۇشنى ئورتاق تۇرغۇزۇش، ئىختىلاپلارنى ئورتاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بەش تۈۋرۈكنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ سارايدا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي رامكا. چوڭ پىرىنسىپ بېكىتىلسە، باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلماق ئاسان بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن ھەمكارلىق قوش يۆنىلىشلىك بولۇشى كېرەك. بىز رىقابەتتىن قورقمايمىز، لېكىن رىقابەت نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بولماستىن، بەلكى ئورتاق ئىلگىرىلەش بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، ئامېرىكا تەرەپمۇ «كىچىك چەمبىرەك» قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دوستى ۋە ھەمراھى بولسا بولىدۇ، تىغ ئۇچىنى بىر ـ بىرىگە قاراتماسلىقى، بىر ـ بىرىگە قارشى تۇرماسلىق، بىر ـ بىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئوچۇق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ئامېرىكىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي، توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگودا «ئىلگىرىلىمەسلىك چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇقىم ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلگەن. ئىككى تەرەپ كوللېكتىپىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ھاسىل قىلغان «سان فىرانسىسكو مەنزىلى»نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇشىنى، ياخشىلىشىنى، ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىلىنكىن ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سان فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئالاقىسى، زەھەر چەكلەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، مەن ئۇچراشقان ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشۇش ئويى يوق. ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان سان فىرانسىسكو ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلىنكىنگە زۇڭتۇڭ بايدېنغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ