شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، قىسىمغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي تېببىي داشۆسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2024.04.26 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئۇرۇشتا يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش سايمانلىرى ۋە كۇرسانتلارنىڭ مەشغۇلات مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، قىسىمغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي تېببىي داشۆسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 45 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن داشۆنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە جەڭ مەيدانىدىكى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش نۇقتىلىق پەن ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇرۇشتا يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش سايمانلىرى ۋە كۇرسانتلارنىڭ مەشغۇلات مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى شەرەپلىك تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ئېگىزلىك ھەربىي ئىشلار تېببىي ئىلمى، ئۇرۇش جاراھىتى تېببىي ئىلمى، كۆيۈك يارىسى تېببىي ئىلمى قاتارلىق روشەن خاسلىق ۋە ئەۋزەللىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. 2017 - يىلى تەڭشەپ تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ داشۆ ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلار كۈرىشىدىكى سەھىيە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى. شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپىنى تاماملاش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى ئارمىيەمىزنىڭ تېببىي ئىلىم تۈرىدىكى ئالىي مائارىپ مەكتىپى بولۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت كۈچى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يېڭى دەۋردىكى قىزىل ھەربىي دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. خاس تېببىي ئىلىم پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئالدىنقى سېپىنى ئىگىلەپ، ھەربىي ئىشلار تېببىي ئىلمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىش كېرەك. سەھىيە مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنى تەرتىپكە سېلىش، تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن بولۇشى ۋە ساپ، مۇستەھكەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ باشقۇرۇشىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ داشۆ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ