جاۋ لېجى ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ، سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردانا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2024.03.27 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 26-مارت بېيجىڭدا ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ، سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردانا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  ئادىئاڭ بىلەن كۆرۈشكەندە جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزدى. جۇڭگو ناۋرۇ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ناۋرۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، ناۋرۇنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ناۋرۇ پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى قاتلاملار ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا پايدىلىق قانۇن ھۆججىتىنى تۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئادىئاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناۋرۇ ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ سىياسىي قارارى. ناۋرۇ جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  گۇناۋاردانا بىلەن كۆرۈشكەندە جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندى. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سىرىلانكا پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  گۇناۋاردانا مۇنداق دېدى: سىرىلانكا جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرىلانكا-جۇڭگو دوستلۇقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ