لى چياڭ سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2024.03.27 09:26 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 26-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا گۇناۋاردانا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چاڭ داۋېي فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 26-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇناۋاردانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ كەلدى، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر زۇڭتۇڭ ۋىكرېمېسىنخې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-سىرىلانكا دوستلۇق دەرىخىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ ۋە باراقسان ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، سىرىلانكا بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش رامكىسى ئاستىدا مۇھىم تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، دېڭىز-ئوكيان پەن-تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىرىلانكاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، سىرىلانكانىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، سىرىلانكانىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  گۇناۋاردانا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرىلانكا جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سىرىلانكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىغا، سىرىلانكىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە پۇل مۇئامىلە قەرز كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. سىرىلانكا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى داۋاملىق قەتئىي يولغا قويىدۇ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا گۇناۋاردانانىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇناۋاردانا خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ