خەن جېڭ «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» تېمىسىدىكى تۇنجى مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.03.27 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 26-مارت بېيجىڭدا «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» تېمىسىدىكى تۇنجى مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ چەتئەل مەبلىغى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، چەتئەل مەبلىغىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ياخشى، مۇقىم ئاساسنى شەكىللەندۈردى، جۇڭگو يەنىلا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ موتورى. بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. جۇڭگو بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ؛ كەسىپ سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىنى ئىشەنچلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش ھەم جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىر، ھەم ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت. تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كارخانا ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز. جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق.

  17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 140 تىن ئارتۇق كارخانىچى ۋە چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى سودا جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. خەن جېڭ پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، قىسمەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ۋە چەتئەل سودا جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلار ئۇزاق مۇددەت جۇڭگو بازىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ