لى چياڭ دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.03.26 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى چياڭ سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سىكېررىتنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل-جۇڭگو-دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى، ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، يېڭى پەللىدىكى جۇڭگو-دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو دومىنىكا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دومىنىكانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، دومىنىكا بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دومىنىكانىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دومىنىكاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، دومىنىكا قاتارلىق كارىب رايونى دۆلەتلىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-كارىب ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو-كارىب رايونى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئېچىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت-ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو دومىنىكا بىلەن كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سىكەررېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا بىلەن جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. دومىنىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دومىنىكا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سىكېررىتنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىكەررېت خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ