دىڭ شۆشياڭ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.26 15:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى ئاساكاۋا ماساتسۇگۇ (Asakawa Masatsugu)بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يەڭدى، قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنمەكتە ۋە كۈچمەكتە، ئۇ يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ماتور. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە يېڭى پۇرسەت يارىتىمىز. جۇڭگو ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىغا داۋاملىق قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن. ئىككى تەرەپ مۇھىت ئاسراش، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، كۈتۈنۈش ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئاساكاۋا ماساتسۇگۇ مۇنداق دېدى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاشنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن بەھىرلىنىشىگە پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ