لى چياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.26 15:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە كۈچىيىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. جۇڭگو ئىقتىسادى تۈزۈم، بازار، كەسىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئۇزۇن مۇددەت ياخشىلىنىش ئاساسى ئۆزگەرگىنى يوق ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. جۇڭگو خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گېئورگىيېۋا جۇڭگونىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۆزلىمىدىن يۇقىرى بولدى. جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن ياخشى بولىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ